1.يانفۇن باتارىيسىگە توك قاچىلىغاندا، باتارىيە توكىنىڭ پۈتۈنلەي تۈگۈشىنى ساقلىماڭ .
ئادەتتە بىزدە بىر خىل قاراش بولسا، يانفۇن باتارىيىسنىڭ توكىنى پۈتۈنلەي تۈگەتكەندىن كېيىن توك قاچىلاش ياخشىراق ئاساسىي جەھەتتىن خاتا ئەمەس، چۈنكى بىز ئىلگىرى ئىشلەتكەن باتارېيە كۆپ قىسمى بولسا نىكىل (NiH)باتارېيىسى، بىراق نىكىل باتارېيىسىدە ئەستە ساقلاش تەسىرى بار بولۇپ ئەگەر باتارېيىدە پۈتۈنلەي توك تۈگىگەندىن كېيىن قاچىلىمىغاندا باتارىيە ئۆمۈرىنڭ تېز سۈرئەتتە ئازلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بىراق ھازىر بىز ئىشلىتىۋاتقان يان تېلفۇن ئادەتتە IA مەھسۇلات كۆپ ساندىكىسى ئىشلىتۋاتقىنى لىتىي (Li)باتارىيسى ، بىراق لىتىي باتارىيسىدە بولسا ئەستە ساقلاش تەسىرى مەسلىسى يوق . ئەگەر كۆپچىلىك يەنىلا باتارىيە توكىنىڭ پۈتۈنلەي تۈگۈشىنى ساقلاپ توك قاچىلايدىغان بولسا لىتىي باتارىيسنىڭ ئىچىدىكى خېمىيلىك تەركىبلەر ئىنكاس قايتۇرۇشقا ئامالسىز ئۆمۈرى ئازلايدۇ.ئەڭ ياخشى ئامال بولسا باتارىيەگە ھەر ۋاقىت توك قاچىلاپ تۇلۇق ھالەتنى ساقلاش . بۇنداق بولغاندا سىزنىڭ باتارىيىڭىزدە ئۇزاق توك تۇرىدۇ ھەم ئۆمۈرى ئۇزۇن بولىدۇ.
2يان تېلفۇننغا توك قاچىلاۋاتقان ۋاقىتتا ، تېلفۇن قۇبۇل قىلماڭ .
سەۋەبى بولسا ، يان تېلفۇن توك قاچىلاۋاتقاندا تېلفۇن قۇبۇل قلسىڭىز يۇشۇرۇن خەۋب بار. ھىندىستاندا 31 ياشلىق سۇغۇرتا شېركىتىدە باشقۇرغۇچى بىر ياش يان تېلفۇنى توك قاچىلغۇچقا ئۇلاغلىق ئەھۋالدا تېلفۇن قۇبۇل قىلىپ ، نەچچە سىكۇنىت كۆپ مىقداردا توك ئېقىمى تېلفۇندا ئۆتكەندىن كېيىن بۇ ياش يەرگە يىقىلىپ چۈشكەن . ئۆيدىكىلىرى بايقىغان ۋاقتىدا قوللىرى كۆيگەن ، يۈرەك سوقۇشى ناھايىتتى ئاجىز ھۇشسىز ھالەتتە بايقاپ دوختۇرخانىغا ئاپارغان بولسىمۇ ئۈنۈم بەرمەي ئۆلگەن . 3. يان تېلېفوندا بىر تال توك قالغان ۋاقتىدا ئىشلەتمەسلىك كېرەك .
ئالاقىلەشكەن ۋاقىتتا توك سانى تۇلۇق بولغان بىلەن بىر تال توك قالغان ۋاقىتنى سېلىشتۇرغاندا ، رادىئاتسىيىنىڭ قۇيۇپ بېرىش پەرقى 1000 ھەسسىدىن ئارتۇق . شۇڭلاشقا دائىم تېلېفوندا سۆزلىشىدىغانلار دىققەت قىلىش كېرەك .
4. 17951 + تېلېفون نومۇرى = تۇزاق
سىز باشقا جايدىكى دوستىڭىزغا تېلېفون قىلغاندا 17951 + شەكىلدە تېلېفون دەپتىرىگە ساقلامسىز ؟ ياكى ئايرىم ئۇرامسىز ؟ ئۇنداقتا ھەق ئېلىش ئۆلچىمى 0.7ھەر مىنۇتىدىن 1.3ھەر مىنۇتىغا ئۆزگىرىدۇ . ئەگەر سىز تېلېفون دەپتىرىگە ساقلىسىڭىز سىستېما پەرق ئېتىشكە ئامالسىز . شۇڭلاشقا ئېتىبار بېرىشكە ئېرىشەلمەيسىز. چوقۇم ھەر قېتىم كۇنۇپكا تاختىسىدىن17951 نى بىۋاسىتە كىرگۈزۈش كېرەك .
5. تېلېفون ھەققىدىكى پارازىت قۇرۇت
يان تېلېفونغا غەلىتە ھالدا كېرەكسىز ئۇچۇر بېكىتىلىپ قېلىش . كۆپچىلىككە تەۋسىيە ئۆزۈڭلارنىڭ ئالدانغان ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭلار . ئەڭ ئاسان ئۇسۇل ھەر ئايدا سىلەرنىڭ تېلېفون ھەققىنى ئوغرىلايدىغان پارازىتنى يوقىتىش . ئەگەر سىز كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ ئابونتى بولسىڭىز“0000“ رەقەمنى كىرگۈزۈپ 186201 غا ئەۋەتسىڭىز ، سىزگە بىر ئۇچۇر ئەۋەتىپ قايسى ئۇچۇر مۇلازىمەتلەرنىڭ بېجىرىلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ . “00000“ رەقەمنى كىرگۈزۈپ 186201 غا ئەۋەتسىڭىز بارلىق ئۇچۇر مۇلازىمەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرالايسىز .
6. ھەرگىز تۇلۇق بولغان 1:00 مىنۇتنى قوغلاشماڭ .
بىز تېلېفون ئۇرغاندا دائىم تۇلۇق 1:00 مىنۇت بولغاندا ئاخىرلاشتۇرۇشنى قوغلىشىمىز . ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس ، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشتە ئىشلەيدىغان بىر خىزمەتچىنىڭ ئېيتىشىغا ئاساسلانغاندا ، ئەمەلىيەتتە سىز سۆزلىشىپ 0:55 گە كەلگەندە ئاللىقاچان بىر مىنۇت ھېسابلىنىپ بولىدۇ . شۇڭلاشقا 0:55~1:00 بولغان ۋاقىتتا ئەمەلىيەتتە سىزدىن 2 مىنۇتلۇق سۆزلىشىش ھەققى ئالىدۇ .
7.تېلېفونغا سۇ كىرىپ كەتكەندە ھەرگىز ھەر قانداق كۇنۇپكىنى باسماڭ ، بولۇپمۇ تاقاش كۇنۇپكىسىنى (ئەگەر ھەر قانداق كۇنۇپكىنى باسسىڭىز ، سۇ دەرھال توك يولى تاختىسىغا قاراپ ئاقىدۇ ) توغرا ئۇسۇل بولسا دەرھال سىرتقى قاپنى ئېچىپ بىۋاسىتە باتارېيىنى ئىلىۋېتىپ ، مەجبۇرى توكنى ئۈزۈۋېتىش . شۇندىلا ئاساسى تاختىغا سۇ كىرىپ كېتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ .
8.يانفون باتارېيىسىنى ھاياتلىققا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك .
سىز ئىشلىتىۋاتقان يانفون باتاريسنىڭ توك ساقلىشى قىسقارغاندا ، سىز يېڭىدىن بىرنى سېتىۋېلىپ ئالماشتۇرامسىز ؟
تۆۋەندە سىز مۇشۇنداق ئەھۋالغا ئۇچرىغان ۋاقتىدا سىزنىڭ پۇلىڭىزنى تېجەيدىغان ئۇسۇلدىن بىرنى سىناپ كۆرۈڭ:
1. باتارېيىنى ئاۋۋال گېزىتكە ئوراپ ئاندىن يالتىراق خالتىغا سېلىپ سوغۇق جايغا 3 كۈن قۇيۇڭ (گېزىت ئارتۇق سۇ تەركىبلىرىنى سۈمۈرۈۋالىدۇ)
2. 3 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئېلىپ نورمال تېمپېراتۇرا ئاستىدا 2 كۈن قۇيۇڭ .
3. 2 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن باتارېيىگە توك قاچىلاپ توشقۇزغاندىن كېيىن تېلېفونغا سېلىپ سىناپ بېقىڭ . (تەخمىنەن80%-90% ئەسلىگە قايتىدۇ ) بۇ ئۇچۇرنى داڭلىق باتارېيە زاۋۇتى ئىنژېنېرى ئاشكارىلىغان ، ئۈنۈمى بارمۇ–يوق سىناپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ )
9. يان تېلېفونى جىددىي قۇتقۇزۇش .
يان تېلېفونىڭىز دائىم ئېتىلىپ قالامدۇ ؟ ياكى توك تۇلۇق تۇرسىمۇ ، ئازراق ۋاقىت ئۆتسىلا يەنە ئېتىلىپ قالامدۇ؟ تېلفۇنىنىڭ ئۆمرى قىسقارغاندىمۇ دەپ گۇمانلىنامسىز ؟
ئەنسىرىمەڭ . ئۇ پەقەت ۋاقىتلىق "يۈرەك توختاپ قېلىش " پەقەت كىچىككىنە ئۆچۈرگۈچ ئارقىلىق سۈركەپ تىرىلدۈرگىلى بولىدۇ .
باتارېيىنى ئېلىپ ئۆچۈرگۈچ بىلەن ئۇلىنىش نۇقتىسىنى (مىس سىم) پاكىز سۈرتۈۋەتكەندىن كېيىن سىناپ بېقىڭ .
10. يانفون ئېكراندىكى سىزىقلارنى قانداق يوقىتىش كېرەك .
كۆپچىلىك دائىم يانفون ئېكرانىدا سىزىق پەيدا بولۇپ قېلىشقا ئۇچرىغاندا قانداق قىلىشنى بىلمەي قالامسىلەر ؟ سىلەرگە ياخشى ئۇسۇل دەپ بېرەي .
چىش پاستىسىدىن مۇۋاپىق مىقداردا پاكىز نەم لاتا ئۈستىگە ئېلىپ تېلېفون ئېكرانىغا تەكشى سۈركەڭ .ئاندىن تازىلىق قەغىزى بىلەن پاكىز سۈرتۈڭ .

