كۈلۈمسىرەشكە ھىچقانداق بەدەل كەتمەيدۇ،ئەمما ئۇ نۇرغۇن نەتىجە يارىتالايدۇ.كۈلۈمسىرەشكە مۇيەسسەر بولغان ئادەم مول تۈيغۇغا ئىگە بولىدۇ.بۇنىڭلىق بىلەن كۈلۈمسىرگەن ئادەمنىڭ ھىسياتى كەمبەغەللىشىپ كەتمەيدۇ.
كۈلۈمسىرەش كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە بارلىققا كىلىدىغان بىر ئالامەت،ئەمما بەزىدە كىشىلەرگە مەڭگۈلۈك تەسىر قالدۇردۇ.
باي ئادەم كۈلۈمسىرەشكە ھاجىتىم چۈشمەيدۇ دەپ ئېيتالمايدۇ،كەمبەغەل ئادەم كۈلۈمسىرەش بەدىلىگە باي بۇلۇپ كىتىمەن دەپ ئېيتالمايدۇ.
كۈلۈمسىرەش ئائىلىگە خوشاللىق ئېلىپ كىلىدۇ،سودا سەھەسىگە ئناقلىق بەخىش ئېتىدۇ شۇنداقلا ئۇ يەنە دوسلار ئوتۇرسىدىكى پارول.
كۈلۈمسىرەش چارچىغانلار ئۇچۈن ئارام ئېلىش،مۇڭغا پېتىپ قالغانلار ئۇچۇن يورۇقلۇق،ھەسرەت چىكىۋاتقانلار ئۈچۈن كۈن نۇرى بۇلۇپ،ئۇ تەبىەت دۇنياسىدىكى ئەڭ ئېسىل دورا.
كۈلۈمسىرەشنى بازاردىن سېتىۋالغىلى بولمايدۇ،ئارىيەت ئالغىلى بولمايدۇ،ئىزدىگەنگە تاپقىلى بولمايدۇ،ئوغۇرلىغىلى بولمايدۇ،باشقىلارغا بەخشەندە قىلىشتىن ئىلگىرى،ئۇ ھىچقانداق ئەمىلى قىممىتكە ئىگە ئەمەس.
شۇڭا سىزگە كۈلۈمسىرمىگەن كىشىگە قاراپ كۈلۈمسىرەپ قۇيۇڭ دىسەك بولارمۇ؟
چۈنكى باشقىلارغا قاراپ كۈلۈمسىرەشنى بىلمىگەن ئادەم باشقىلارنىڭ ئۈزىگە قاراپ كۈلۈمسىرىشىگە ئەڭ مۇھتاج.
تۇرمۇش مەسلىھەتچىس دېگەن كىتابتىن ئېلىندى

