باش بەتكە قايتىش
ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت > تۇرمۇش >

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئاناتىلىغا بولغان ئىنكاسى

ۋاقتى:2010-02-07 17:05مەنبە: يوللىغۇچى:سەبۇرى كۆرۈلۈشى:قېتىم
ئالىملار يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئۆز ئاناتىلىغا بولغان ئىنكاسىنى بىلىپ بېقىش مەقسىتىدە قىزىقارلىق بىر تەجرىبە ئىشلەپتۇ: بوۋاققا بى
  

ئالىملار يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئۆز ئاناتىلىغا بولغان ئىنكاسىنى بىلىپ بېقىش مەقسىتىدە قىزىقارلىق بىر تەجرىبە ئىشلەپتۇ:
بوۋاققا بىر دانە ئالاھىيدە ئىمىزگە بېرىلىپتۇ. بۇ ئىمىزگە ئالاھىيدە بىر خىل ئېمىزگە بولۇپ، يەنە بىر ئۇچى مەلۇم ئېلېكتىرونلۇق قۇرۇلما ئارقىلىق ئاۋاز كۈچەيتكۈچكە ئۇلىنىپ، بوۋاقنىڭ ئېمىزگە ئەمگەن ئاۋازىنى ناھايىتى ئوچۇق ئاڭلىتىپ بېرەلەيدىكەن. بۇ ئېمىزگە بوۋاققا ئەمدۈرۈلگەندىن كېيىن بىر قانچە ئايالنىڭ ئاۋازىنى لىنتىغا ئېلىپ بوۋاققا قويۇپ بېرىلىپتۇ. نەتىجىدە ئالىملار ناھايىتى ھەيران قاپتۇكى، بوۋاق ئۆز ئانىسىنىڭ ئاۋازى چىققاندا ئېمىزگىنى چىشلەپ جىم تۇرۇپ ئانىسىنىڭ ئاۋازىنى دىققەت قىلىپ ئاڭلاپتۇ. باشقا ئاياللارنىڭ ئاۋازى چىققاندا بولسا ئېمىزگىنى پۈۋلەپ ئاۋاز چىقىرىپ بۇ ناتونۇش كىشىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپتۇ. بۇ ئوخشاش تىللىق بىر قانچە ئايالنىڭ ئاۋازىدا ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبە، ئۇنداقتا ئوخشىمىغان دۆلەتتىكى ئاياللارنىڭ ئاۋازىغا بوۋاقنىڭ ئىنكاسى قانداق بولىدۇ؟

فىرانسىيەلىك بىر ئالىم بۇ مەسلىگە جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ئوخشىمىغان تىلدا سۆزلەيدىغان تۆت دۆلەتتىكى ئايالنىڭ ئاۋازىنى بوۋاققا قويۇپ بېرىپ يۇقىرىقى تەجرىبىنى سىناق قىلىپتۇ. بۇ ئاياللارنىڭ ئىچىدە بوۋاقنىڭ ئانىسى يوق ئىكەن. تەجرىبە بىر قانچە قېتىم تەكرارلانغاندىن كېيىن بوۋاق ئۆز ئانىسى بىلەن ئوخشاش تىلدىكى ئايالنىڭ سۆزىگە قارىتا قارشى ئالىدىغانلىق ئىنكاسىنى قايتۇرۇپتۇ.

بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋالالايمىزكى، بوۋاق ئانا قورسىقىدا تۇرۇش مەزگىلىدىلا ئۆز ئانىسىنىڭ ئاۋازىغا، ئۆز ئانا تىلىغا بەلگىلىك مۇھەببەت باغلىغان بولىدۇ، بۇ مۇھەببەت شۇنچىلىك تەبئىي، شۇنچىلىك ساپ بولىدۇكى، توسالغۇسىز ھالدا بوۋاق تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدۇ. ئاناتىلىمىز بىز ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىم، نەقەدەر قىممەتلىك-ھە؟!

چوققىلاش
(2)
66.7%
دەسسەش
(1)
33.3%
------分隔线----------------------------
باھا يوللاش بارلىق باھالارنى كۆرۈش
مۇناسىۋەتلىك قانۇن ـ تۈزۈملەرگە ئاڭلىق رىئايە قىلىڭ، شەھۋانىي، زوراۋانلىق، ئەكسىيەتچىل مەزمۇنلار قاتتىق چەكلىنىدۇ.
باھا:
چىراي ئىپادە:
ئەزا نام: پارول: تەستىق كود:
يوللىغۇچى ئارخىپى
seburi تەپسىلىي ئارخىپى ئۇچۇر يوللاش دوستقا قوشۇش دەرىجىسى: 注册会员 تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-01-12 21:01 ئاخىردا كىرگىنى: 2010-03-09 17:03
تەۋسىيە تېمىلار