ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى يادرو ئېلېكتىر بازىسى ئۈچۈن 20 مىليارد دوللار مەبلەغ سالدى.
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ 4 يادرو بازا قۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ھۆددىگەرلىك كېلىشىمىنى جەنۇبىي كورىيە شىركەتلىرىدىن تەركىب تاپقان شىركەتلەر گۇرۇھى قولغا كەلتۈردى.
جەنۇبىي كورىيىنىڭ ئەڭ داڭدار ماركىلىق شىركەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىركەتلەر گۇرۇھى، يادرو تېخنىكىسىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئارقىدا قالدۇرۇپ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ يادرو بازىسى قۇرۇش ھۆددىگەرلىك كېلىشىمىنى ئۆز ئۈستىگە ئالالىدى.
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئۈچۈن 20 مىليارد دوللارغا توختايدىغان ۋە ھەر بىرى 1400 مېگاۋات كۈچكە ئىگە 4 يادرو ئېلېكتىر بازىسىنى قۇرۇش ئارقىلىق جەنۇبىي كورىيە تۇنجى قېتىم چەتئەلگە يادرو تېخنىكىسى ئېكسپورت قىلغان بولىدۇ.
دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت ئېكسپورتچىلىردىن بىرى بولغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، توك ـ ئېلېكتىر ئىستانسىلىرى ئۈچۈن چەتئەللەردىن تەبىئىي گاز ئىمپورت قىلىشقا مەجبۇر ئىدى.
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئېلېكتىر ئىستىمال ئېھتىياجى 2020 ـ يىلى ئىككى ھەسسە ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلىنىۋاتقان بولۇپ، شۇڭلاشقا 2020 ـ يىلى كېلىشتىن ئىلگىرى مەزكۇر يادرو بازىلىرىنىڭ ئىشقا كىرىشىشى ئىنتايىن مۇھىم ھېسابلىنىدۇ.
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئامېرىكىغا يادرو تېخنىكىسىنىڭ ئاتوم بومبىسى ياساش ئۈچۈن ئىشلىتىلمەيدىغانلىقىغا دائىر كاپالەت بەرگەن ئىدى.
مەنبە : ت ر ت تورى
http://danglik.com/bbs/read.php?tid=415&u=118

