شىنخۇا تورى سىئول 2.فېۋرال مەخسۇس تېلېگراممىسى كورىيەنىڭ دەرسلىك كىتاب ئۆلچىمى ۋە قوللانمىسىنى تۈزگۈچى ئورگان - مائارىپ دەرسلىك باھالاش كومىتىتى ئالدىنقى كۈنى ئېلىپ بېرىلغان بىر تۈرلۈك راي سىناشتا بىر قىسىم ئائىلە باشلىقلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلار باشلانغۇچ مەكتەپ خەنزۇتىلى مائارىپىنى قوللايدىكەن.
تەكشۈرۈشتە مەلۇم بولۇشىچە، 89.1پىرسەنت ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرى ۋە 77.3 پىرسەنت مۇئەللىملەر باشلانغۇچ مەكتەپتە خەنزۇتىلى مائارىپىنى يولغا قويۇشنى قوللايدىكەن، ئۇلارنىڭ قارىشىچە خەنزۇتىلى مائارىپى پەرزەنتلەرنىڭ مائارىپ تەربىيەسىگە پايدىلىق بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلۈكلەرنى چۈشىنىش ۋە تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنى تەربىيلەشكە پايدىلىق. مائارىپ دەرسلىك باھالاش كومىتىتى بۇ سەۋەبلىك مائارىپ بۆلۈمىگە دوكلات يوللاپ دۆلەتلىك مائارىپ دەرسلىكى ۋە ئوقۇ - ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىغا باشلانغۇچ مەكتەپ خەنزۇتىلى مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئېنىق بەلگىلىمىسىنى بېكىتىش كېرەكلىكىگە چاقىرىق قىلدى.
كورىيە ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، سىتاستىكىغا ئاساسلانغاندا كورىيە يېزىقىدا 75 ئەتراپىدا خەنزۇتىلى سۆزلۈك ئىشلىتىلگەن. كورىيە باشلانغۇچ مەكتەپ دۆلەت تىلى دەرسلىك مەزمۇنىنىڭ 55 پىرسەنتى، مېدىتسىنا ۋە پەلسەپە قاتارلىق ساھەلەرنىڭ كەسپىي ئاتالغۇلىرىنىڭ 95 پىرسەنتى خەنزۇچە سۆزلۈكلەر. نۆۋەتتە كورىيەدىكى خەنزۇتىلى دەرىجە ئىمتاھانىغا قاتناشقانلارنىڭ 60 پىرسەنتى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى. بىراق، كورىيە ئاممىۋى مائارىپىدا خەنزۇتىلىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكىدە كۆرۈلمىگىنىگە 40 يىلچە بولدى. تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرىدا خەنزۇتىلى تاللاپ ئۆگېنىدىغان دەرس بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئۆتكەن يىلى، كورىيەدىكى سابىق 20 زۇڭلى بىرلىكتە زۇڭتۇڭغا <باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپ تەربىيسى جەريانىدا خەنزۇتىلى مائارىپىنى يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەكلىپى>نى يوللىدى. تەكلىپتە دېيىلىشىچە، يېرىم ئەسىردىن بۇيان، <كورىيە يېىزىقىدا مەخسۇس ئىشلىتىلىدۇ> غان خاتا ھالدىكى يېزىق تۈزۈلمىسى كورىيەنى مەدەنىيەت كىرزىسىگە ئېلىپ كىردى. بۇ مەسلىنى تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلىش ئۈچۈن، باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپىدا ئوقۇغۇچىلارغا باسقۇچلۇق خەنزۇتىلى ئۆگېنىشنى يولغا قويۇش؛ خەنزۇتىلىنى چەتئەل تىلى دەپ قارىماسلىق؛ خەنزۇ يېزىقى كورىيە يېزىقى بىلەن بىرلىكتە <دۆلەت يېزىقى> قىلىپ مائارىپنى ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك.
تەرجىمىدە پايدىلىنىلغان مەنبە: تېڭشۇن خەۋەر تورى

