خەلق تورى 2.فېۋرال خەۋىرى (ئەنگوجاڭ)ئىران مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تۇنجى بولۇپ ئۆزى لاھىيەلىگەن ۋە ياساپ چىققان ئۇچقۇچىسىز تىكئۇچار مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۇنياغا كەلگەن، شۇنداقلا كۆك ئاسمانغا چىقىرىلغان.
ئىران ئاخبارات ئاگېنىتلىقى 1.فېۋرال كەچلىك خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئىران تەرىپىدىن پۈتۈنلەي ئۆزى لاھىيەلەپ ياساپ چىققان ئۇچقۇچىسىز تىكئۇچار ئىران ئامىركابىر ئۇنىۋىرسىتىتىدا دۇنياغا كەلگەن، شۇنداقلا ئاسمانغا چىقىرىلىپ سىناقتىن ئۆتكەن. خەۋەردە بۇ ئالىي مەكتەپنىڭ تەتقىقات ئەترىتى مەسئۇل خادىمى ماخادىنىڭ سۆزى بويىچە: <بۇ ئۇچقۇچىسىز تىكئۇچارنىڭ ئېغىرلىقى 10 كىلوگرام، بېنزىن يىقىلغۇ قىلىدىغان بولۇپ، توختىماي بىر سائەت ئۇچالايدۇ.> دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.
ماخادى يەنە مۇنداق دىگەن: <ئۇچقۇچىسىز تىكئۇچرغا ئاپتوماتىك سېستىما ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، يىراق مۇساپىلىك تىزگىنەكتە باشقۇرۇشقا بولىدۇ، 2 كىلوگرام بېنزىن قاچىلاشقا بولىدىغان باك ئورنىتىلغان بولۇپ، بوشلۇقتىن تېلېكامىرا ئۇچۇرى يوللىيالايدۇ، توك كۈچى، نېفىت ۋە تەبئىي گاز توشۇش يوللىرىنىڭ رەسىمىنى سۈرەتكە ئالالايدۇ، شۇنداقلا شەھەرلەردە پەس ئۇچۇپ قاتناش ۋە ئوت كېتىش ئاپەتلىرىنى كۆزىتەلەيدۇ.>
تەرجىمىدە پايدىلىنىلغان ئورۇن: تېڭشۈن تورى

