باش بەتكە قايتىش
ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت > خەۋەر > مەملىكەت خەۋىرى >

خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى يانفون تورىغا قانۇن چىقىرىشقا چاقىردى

ۋاقتى:2010-01-29 21:39مەنبە:未知 يوللىغۇچى:admin كۆرۈلۈشى:قېتىم
جۇڭگو ياشلار گېزىتى 28.يانۋار تېلېگراممىسى 27.يانۋار، سىچۈەن ئۆلكىسى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، كوممۇنىزىم ياشلار ئىتتىپاقى سىچۈەن ئۆلك
  

جۇڭگو ياشلار گېزىتى 28.يانۋار تېلېگراممىسى 27.يانۋار، سىچۈەن ئۆلكىسى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، كوممۇنىزىم ياشلار ئىتتىپاقى سىچۈەن ئۆلكىسى شۇجىسى جاڭ شەن سىچۈەن ئۆلكىسى 11.نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئۈچىنجى يىغىنىدا بىر لاھىيە يوللاپ، يانفوندا تورغا چىقىشقا قارىتا تېز سۈرئەتتە قانۇن تۇرغۇزۇپ ياش - ئۆسمۈرلەرگە ساغلام بولغان يانفوندا تورغا چىقىش مۇھىتىنى يارىتىشقا چاقىرىق قىلدى.

مۇخبىر ئېنتېرنىتتىكى ئۇچۇرلارنى ئىزدەش ئارقىلىق مەخسۇس يانفوندا تورغا چىقىشقا قارىتا تۈزۈلگەن قانۇن لاھىيەسى، ئىلتىماس لاھىيەسىنىڭ كۆپ ئەمەسلىكىنى بايقىغان.

قانۇن لاھىيەسىنى ئىلتىماس قىلغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن جاڭ شۇجى سىچۈەن ئۆلكىلىك ئىككى يىغىن ئېچىلىشتىن بۇرۇن تەكشۈرۈش - تەتقىقاتنى باشلىۋەتكەن. ئۇنىڭ بايقىشىچە، ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ تورغا چىقىشى مودا بولۇش يۆنىلىشىگە قاراپ مېڭىۋىتىپتۇ. بىر باشلانغۇچ مەكتەپتىكى 100 نەپەر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتە، 23 نەپەر ئوقۇغۇچى يانفون ئىشلىتىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە 12 نەپىرى دائىم يانفون ئارقىلىق تورغا چىقىدىكەن. ئوتتۇرا مەكتەپتىكى 120 نەپەر ئوقۇغۇچىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتە بولسا يانفون ئىشلەتكۈچىلەر نىسبىتى 81.4 پىرسەنت بولغان، كۈنلۈك يانفون ئارقىلىق تورغا چىقىدىغان ئوتتۇرىچە ۋاقتى 2 سائەتتىن ئاشىدىغانلار 8 پىرسەنتكە يەتكەن.

بۇ يىللىق 15.يانۋاردا ئېلان قىلىنغان <25.نۆۋەتلىك جۇڭگو ئېنتېرنىت تورى تەرەققىيات ئەھۋالى سىتاستىكا دوكلاتى> دا كۆرسىتىلىشىچە، 2009.يىلى 12. ئايغا قەدەر دۆلىتىمىزدىكى 10 ياشتىن 29 ياشقىچە يانفون ئارقىلىق تورغا چىقىدىغانلار، ئومۇمىي يانفون ئارقىلىق تورغا چىقىدىغانلارنىڭ 73.2 پىرسەنتىنى ئىگەللىگەن.

جاڭ شۇجىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، يېقىنقى مەزگىلدە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقان <يانفوننىڭ شەھۋانىي مەزمۇنلارغا چېتىلىپ قېلىش> مەسلىسى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. 3G مۇلازىمىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ يانفوندا تورغا چىقىشنىڭ ئومۇملىشىشىنى تېز سۈرئەتتە ئىلگىرى سۈرمەكتە، توردىكى ناچار ئۇچۇرلارنىڭ ياش - ئۆسمۈرلەرگە بولغان زىيىنىمۇ كۈنسىرى ئېغىرلاشماقتا، بۇ مەسلىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ ياش - ئۆسمۈرلەرگە ساغلام بولغان تور مۇھىتى يارىتىش ھەققىدە لاھىيە ئوتتۇرىغا قويۇپ، 2010.يىللىق سىچۈەن ئىككى قۇرۇلتىيىغا سۇنۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.

تەرجىمىدە پايدىلىنىلغان مەنبە: تېڭشۈن خەۋەر تورى
 

چوققىلاش
(3)
100%
دەسسەش
(0)
0%
------分隔线----------------------------
باھا يوللاش بارلىق باھالارنى كۆرۈش
مۇناسىۋەتلىك قانۇن ـ تۈزۈملەرگە ئاڭلىق رىئايە قىلىڭ، شەھۋانىي، زوراۋانلىق، ئەكسىيەتچىل مەزمۇنلار قاتتىق چەكلىنىدۇ.
باھا:
چىراي ئىپادە:
ئەزا نام: پارول: تەستىق كود:
يوللىغۇچى ئارخىپى
سەبۇرى تەپسىلىي ئارخىپى ئۇچۇر يوللاش دوستقا قوشۇش دەرىجىسى: ئالىي ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-01-10 19:01 ئاخىردا كىرگىنى: 2010-03-09 17:03
تەۋسىيە تېمىلار