خۇاشيا ۋاقىت گېزىتى خەۋىرى 17.يانۋار، دۆلەت تەرەققىيات كومېتىتى مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەتلىك ئېنىرگىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭگوباۋ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو ئىقتىساد يىلى يىغىنىدا سۆز قىلىپ، نۆۋەتتە دۆلىتىمىزنىڭ نېفىتنى زاپاس ساقلاش ئىستىراتىگىيسى خىزمىتىنىڭ بىرىنجى باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشنى ئوڭۇشلۇق تاماملىغانلىقىنى، 2009.يىلى نېفىت زاپىسى تەننەرخىنىڭ ھەربىر تۇڭىنىڭ 58 دوللار بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
2004.يىلى 28.مارت، جېنخەي دۆلەتلىك نېفىت زاپاسلاش بازىسى خىزمىتىنىڭ باشلانغانلىقى دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى دۆلەتلىك نېفىت زاپاسلاش بازىسى قۇرۇلۇشىنىڭ رەسمىي ئىشقا كىرىشكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزدە جېنخەي، جوۋدەن، خۇاڭداۋ، دالىيەن قاتارلىق تۆت چوڭ نېفىت زاپاس بازىسى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ دۆلەت نېفىت زاپىسى بازىسى بىرىنجى نۆۋەتلىك قۇرۇلۇشى دەپ ئاتالدى.
دۆلەت نېفىت زاپىسى بازىسى بىرىنجى باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي كۆلۈمى 16 مىليون 400 مىڭ كۇپ مېتىر بولۇپ، 12مىليون توننا نېفىت زاپىسىنى ساقلاشقا بولىدۇ. 2006.يىلى 9.ئايدا جېنخەي بازىسى قۇرۇلۇشى پۈتۈپ سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. 2007.يىلى 12.ئاي، 2008.يىلى 11.ئاي ۋە 12.ئايلاردا خۇاڭداۋ، دالىيەن، جوۋشەن قاتالىق 3 بازا ئارقا- ئارقىدىن پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.
جاڭگوباۋنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، ئۆتكەن يىلى جۇڭگو ھۆكۈمىتى روسىيە، بىرازىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن 60 مىليارد قەرز ئېلىپ نېفىت سېتىۋىلىش كېلىشىمىنى ئىمزالىدى، بۇنىڭدىن ھەر يىلى 75 مىليون توننا خام نېفىت كاپالەتكە ئىگە بولىدىغان بولۇپ، 2008.يىلى نېفىت ئېمپورت ئومۇمىي مىقدارىنىڭ 42 پىرسەنتىگە باراۋەر.
تەرجىمىدە پايدىلىنىلغان مەنبە: http://finance.qq.com/a/20100123/001551.htm
