<< مىكرو سوفت ( Microsoft) >> شىركىتى 1975 -يىلى قۇرۇلغان چاغدا ، پەقەت ئۈچلا ئادىمى بار ئىدى ، كىرىممۇ ئاران 16 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئىدى . بۈگۈنكى كۈندە << مىكرو سوفت >> نىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلىرى تەخمىنەن 25 مىڭغا ، بازار قىممىتى 2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ ، دۇنيا بويىچە 2- ئورۇندا تۇرىدىغان شىركەتكە ئايلاندى . شىركەتنىڭ باش دىكتورى بېل گايتىس دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ باي شەخس ،<< مىكرو سوفت >> شىركىتى دۇنيادىكى ئەڭ باي شىركەت بولۇپ قالدى .
<< مىكرو سوفت>> شىركىتىنىڭ ئەمەلىي تارماقلىرىنى تەكشۈرگەندە %88 خادىم << مىكروسوفت >> شىركىتىنى مۇشۇ ساھەدىكى ئەڭ ياخشى شىركەت ، دەپ قارايمەن . بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ، << مىكروسوفت >> شىركىتى خادىم باشقۇرۇشتا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان .
<< مىكروسوفت >> شىركىتى كۆزگە كۆرۈلگەن كارخانا ، قۇرغۇچىسى بېل گايتىسمۇ ھەممىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان كارخانا رەھبىرى .<< مىكروسوفت >> شىركىتىنىڭ بۈگۈنكىدەك مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىششىنى بېل گايتسنىڭ خادىم باشقۇرۇشتىكى يەتتە تۈرلۈك پرىنسىپنى يولغاقويغانلىقىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ.
ئەڭ ياخشى خادىملارنى ئىشلىتىش
ياخشى تۈزۈمنى ياخشى خادىم تۈزۈشى كېرەك . چۈنكى خادىملارنىڭ ساپاسىنىڭ يۇقىرى -تۆۋەنلىكى باشقۇرۇشنىڭ مۇۋەپىقىيەتلىك بولۇش - بولماسلىقىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ . بىل گايتىس مۇشۇنداق قارىغاچقا ، ئۇزۇندىن بۇيان پەقەت %5 لا ئىختىساسلىقلار سەركىسىنى ئىشلىتىپ كىلىۋاتىدۇ .<< مېكروسوفت >> شىركىتىدىكى ئاتالمىش ئىختىساسلىقلار سەركىسى ئوخشاشمىغان ساھالەردىكى ئوبىكىتلارنى كۆرسىتىدۇ .<< مىكرو سوفت >> شىركىتى خادىملارنىڭ بىلىم سەۋىيىسى ۋە مەكتەپتىكى نەتىجىسى بىلەن بەك ھېسابلىشىپ كەتمەيدۇ ، بەلكى زېرەك ، مېڭە ئىشلىتىشكە ۋە پىكىر يۈرگۈزۈشكە ماھىر ئىختىساسلىقلارغا بەكرەك ئېتىبار بېرىدۇ . چۈنكى بىلىمنى ئىگىلىۋالغىلى بولىدۇ ، خادىملار پەقەت زېرەك ، مېڭە ئىشلىتىشكە ۋە پىكىر يۈرگۈزۈشكە ماھىر بولسا ، خاتالىقنى تېز تۈزتەلەيدۇ ، خىزمەتنى ياخشى قىلالايدۇ ، شىركەتنىڭ ۋاقتىنى ۋە پۇلىنى تېجەلەيدۇ . << مىكرو سوفت >> شىركىتىنىڭ خادىم ئىشلىتىش پىرىنسىپى ئىنتايىن قاتتىق ، ئۇلارنىڭ ئىمتىھان ئېلىش ئۇسۇلىنى باشقا شىركەتلەر ئۆرنەك قىلىسا بولىدۇ . گەرچە قوبۇل قىلىدىغان خادىملارنى شىركەتتنىڭ ئەمگەك كۈچى بايلىقى تارمىقى بىر تۈتاش ئورۇنلاشتۈرسىمۇ ، خادىملاردىن ئېلىنىدىغان ئىمتىھان ۋە قوبۇل قىلىش ، قىلماسلىقنى قوبۇل قىلىدىغان تارماق بەلگىلەيدۇ . قوبۇل قىلىنىدىغان تارماقلار ئادەتتە كېيىن بىللە ئىشلەپ قىلىشى مۇمكىن ، دەپ قارالغان تۆت - بەش خادىم بىلەن ئايرىم - ئايرىم بىرەر سائەتتەك پاراڭلىشىدۇ . ئىمتىھان بەرگۈچى تېخنىكىلىققا ئىمتىھان بەرگەن بولسا سېستىما تۈزۈشكە مۇسانىۋەتلىك سوئاللار سورىلىدۇ ؛ لاھىلەش تارمىقىنىڭ دېرىكتورلىقىغا ئىمتىھان بەرگەن بولسا ، مەلۇم ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە قانداق بىر تەرەپ قلىشقا مۇناسىۋەتلىك سۇئاللار سورۇلىدۇ . جاۋاب بەك يۈزەكى بولۇپ قالسا . تەپسىلى جاۋاب بېرىش تەلەپ قىلىنىدۇ .
شىركەتنىڭ كەلگۈسىنى دوغا تىكىش
بىل گايتىس ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئىقتىساسلىقلارغا ئىگە بولغاچقا ، ئۇ شېركەتنى دوغا تىكىشنى ياخشى كۆرىدۇ . ھەر يىلى شىركەت يىغىن ئاچقاندا ، بىل گايتىس : << بىز شىركەتنىڭ كەلگۈسىنى كۆزنەككە دو تىكتۇق ياكى شىركەتنىڭ كەلگۈسىنى تورغا دو تىكتۇق >> دەيتى . بىل گايتىس شىركەتنىڭ كەلگۈسىنى دوغا تىككەندە ، ھەممىشە جاسارىتى ۋە پاراسىتىنى ئىپادىلەيتى . ئالايلۇق << مىكرو سوفت >> شىركىتى MS-DOS بىلەن ئىش باشلىغان . بۇ يۇمشاق بازىرىنىڭ %80،%90 تىنى ئىگەللەيتى ، ھەم<< مىكرو سوفت >> شىركىتىنىڭ كوزىرلىق مەھسۇلاتى ئىدى ، لېكىن << مىكرو سوفت >> شىركىتى ئۆز -ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلىپ ، DOS نىڭ ئورنىغا windwos نى دەسسەتتى . << مىكرو سوفت >> شىركىتى بىر بازارغا ئىگە بولغاندىن كېيىن ئۆز - ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلىپ ، تېخىمۇ يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئولتۇرغا چىقاردى .
<< مىكرو سوفت >> شىركىتىنىڭ بازارنى ئىگىلەشتىكى تەدبىردىن مۇنداق ئىككى نۇقتىغا دىققەت قىلىشقا بولىدۇ ، بىراىنچى ، بىر كارخانا يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئولتۇرغا چىقارمىسا ، بۇ كارخانىنى باشقا كارخانا ئىگەللەيدۇ .
ئىككىنىچى،كىم ئاۋۋال يېڭى مەھسۇلاتنى ئوتتۇرىغاچىقارسا،شۇ ئاۋۋال پۇرسەتكە ئېرىشىدۇ.
خادىملارنىڭ مەغلۇپ بولىشىنى ئالدىن مۆلچەرلەش
<< مىكرو سوفت >> شىركىتى توغرا تاۋار ۋە پۇرسەتكە دو تىككەنلىكتىن ، شىركەت ھەرخىل بازاردا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ كەلگەن.<< مىكرو سوفت >> شىركىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى يەنە بىر سەۋەپ ، ئۇلار مەغلۇبىيەتنى دادىلىق بىلەن قوبۇل قىلالايدۇ . نۇرغۇن شىركەتلەر مەغلۇپ بولۇشقا يول قويمايدۇ ، شۇڭا خادىم پىلاننىڭ مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى سېزىپ تۇرسىمۇ ، ھەقىقي ئەھۋالنى ئاشكارلاشنى خالىمايدۇ . بىراق .<< مىكرو سوفت >> شىركىتى بۇنىڭ ئەكسىچە ، مەغلۇبىيەتنى ئالدىن مولچەرلىگەن ، مەغلۈپ بولسىمۇ ، مەغلۇبىيەتنى ئۈستىگە ئالالايدىغان ، مەغلۇبىيەتتىن ساۋاق ئالالايدىغان خادىملارنى ئۆستۈرىدۇ .
.<< مىكرو سوفت >> شىركىتى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان تەغدىردىمۇ ، سەۋەبىنى تەھلىل قىلىدۇ . شۇڭا بىرەر پىلان ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تەكشۈرۈش يىغىنى ئاچىدۇ ، يىغىنغا قاتقاشقۇچىلار كېيىنكى خىزمەتلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ، تەنقىد بولمىغان كەيپىياتتا ئۆزلىرىنىڭ خاتالىقلىرىنى تەكشۈرىدۇ .
دېرىكتورلار قول ئاستىدىكىلەرنىڭ خىزمىتىنى قىلالايدىغان بولۇش
خادىملارنىڭ ئۆز -ئۆزىگە خوجا بولۇش ھوقۇقى بولسىمۇ ، بۇ ئۇلارنىڭ باشقۇرغۇچى بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈلگەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ ، ئەمەلىيەتتە .<< مىكرو سوفت >> شىركىتىنىڭ ھەرقايسى تارماقلارنىڭ دىرېكتورلىرى قول ئاستىدىكىلىلىرىنىڭ خىزمىتىنى ئوبدان بىلىدۇ ھەمدە قول ئاستىدىكىلىرىنىڭ خىزمىتىنى قىلالايدۇ .
.<< مىكرو سوفت >> شىركىتى دېرىكتورلاردىن ئالدى بىلەن كەسپىي بىلىم بولۇش ، ئاندىن باشقۇرۇش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش ماھارىتى بولۇش تەلەپ قىلىدۇ ..<< مىكرو سوفت >> شىركىتىدە ئۆسۈش ئۈچۈن سىتاژ ئەمەس قابىلىيەت تەلەپ قىلىنىدۇ . .<< مىكرو سوفت >> شىركىتىدىكى دىرىكتورلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن ياخشى چىقىش ، پەقەت خىزمەتنى ياخشى قىلالىغانلار ئۆستۈرۈلىدۇ . خىزمەتنى ياخشى قىلالمىغانلار شاللىنىدۇ . شۇڭا بۇ شىركەتتە رىقابەت بەك كۈچلۈك

