ياپونىيىلىك داڭلىق سودىگەر شېسۇڭشىن تۆۋەندىكى 20 شەرتىنى ئورۇندىيالىغانلار تەلەپكە لايىق مۇنەۋۋەر تىجارەتچى بۇلالايدۇ دەپ ھېسابلايدۇ.
1)تىجارەتتە زور مۇۋەپپەقىيەتنى قولغا كەلتۇرۇش ئۈچۇن چوقۇم پىلان تۈزۈش كېرەك. ھالبۇكى،تۈزۈلگەن پىلان چوقۇم سودا دائىرىسىدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۇشتىن بارلىققا كېلىشى لازىم.
2)«كونا ئۇسۇل ياخشى » دىگەن كۆز قاراشنى چۆرۇپ تاشلاپ، كونا ئۇسكۇنىدىن پايدىلىنىپ، يېڭى ئۇسۇلنى يارىتىش كېرەك.
3)« كىيىنچە قانداق قىلىمىز» دېگەن مەسىلىنى كۆزدە تۇتۇپ، مۇھىم نۇقتىنى «قانداق قىلغاندا سودىنى جانلاندۇرغىلى بولىدۇ»دېگەن مەسىلىنى تەتقىق قىلىشقا قارىتىش كېرەك.
4)مۇكاپاتلاش بىلەن جازالاش ئۇسۇلىنى بېرلەشتۈرۇپ، تەقسىماتتىكى پەرقنى زورايتىش ئارقىلىق، ئىختىساس ئىگىلىرىنى جەلىپ قىلىشقاماھىر بولۇش لازىم.
5)تىجارەتتە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا، ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويماي، تىجارەت ئۇسۇلىنى دادىل ئۆزگەرتىپ، رىقابەتكە ئاتلىنىش كېرەك.
6)تىجارەت ئۇسۇلىنى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتىپ، « قىلغىلى بولمايدۇ»، « مۇمكىن ئەمەس » دىگەن كۆز قاراشلارغا خاتىمە بېرىپ، يېڭى يول ئېچىش لازىم.
7)قول ئاستىدىكى خادىملارنىڭ يېڭى كۆز قارىشى ۋە يېڭى ئۇسۇللىرىنى دائىم قوبۇل قىلىپ، باشقىلارنىڭ ئەقىلگە مۇۋاپىق پىكىرلىرىنى ئاڭلاشقا جۈرئەت قىلىش كېرەك.
8)تىجارەت داۋامىدا خاتالىق كۆرۈلسە دەرھال تۈزۇتىشكە ماھىر بولۇش لازىم. .
9)تىجارەتنى ماشىنىلاشتۇرۇش ئارقىلىق، زامانىۋى تىجارەت قۇرۇلمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.
10)ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىلەن بىردەك ئىتتىپاقلىشىب، ئۇلارنى جۇشقۇن، كۆتۈرەڭگۇ روھ بىلەن ئىگىلىك يارتىشىشقا يېتەكلەش لازىم.
11)تىجارەتتە ھەممەجەھەتتىكى ئىسراپچىلىقنى قەتئىي توسۇش لازىم.
12)باشقىلارنى ئىشقا سېلىشقا ماھىر بولۇش كېرەك.
13)ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ھەققىگە كۆڭۇل بۆلۈش لازىم.
14)قارشى پىكىرلەرنى ئاڭلاشقا جۇرئەت قىلىپ، تىجارەت مەۋقەسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ بېرىش كېرەك.
15)ماگىزىن-كارخانىلارنى ياخشى باشقۇرۇپلا قالماستىن، ئىز باسارلارنى تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بېرىش لازىم.
16)تىجارەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۇچۇن جەزمەن قابىلىيەتلىك خادىملارنى ئىشلىتىش ۋە تەربىيلەش كېرەك.
17)ئۆزىگىلا ئىشىنىدىغان، ئۆزى بىلەنلا قاتائەتلىنىدىغان ئىللەتتىن ساقلىنىش لازىم.
18) كىتاب ئوقۇش، ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىش، كۈنىگە ئاز بولغاندا يېرىم سائەت ۋاقىت ئاجرىتىپ ئۆگىنىش قىلىش كېرەك.
19)ئىگىلىك باشقۇرغۇچىلاردا خىزمەت ئارقىلىق ئۆزىنى خۇش قىلىدىغان روھ بولۇش لازم.
20)كارخانا ياكى ماگىزىننىڭ مۇكەممەل، تولۇق بولۇشىنى قارىغۇلارچە قوغلاشماي، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈش كېرەك.
مەنبە : http://diluz.blogbus.com/logs/33776502.html

