باش بەتكە قايتىش
ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت > خەۋەر > ئىقتىساد ئۇچۇرى >

شياڭگاڭنىڭ چەتئەل كارخانىلىرى

ۋاقتى:2010-01-28 10:31مەنبە:未知 يوللىغۇچى:admin كۆرۈلۈشى:قېتىم
مەھسۇلات تاكتىكىسى : بۇنىڭدىكى ئەڭ روشەن ئالاھىدىلك خەلقئارا بازارلارنىڭ يۇزلىنىشىگە زىچ ئەگىشىش، ماسلىشىشچانلىقى كۇچلۇك بولۇشتى
  

مەھسۇلات تاكتىكىسى : بۇنىڭدىكى ئەڭ روشەن ئالاھىدىلك خەلقئارا بازارلارنىڭ يۇزلىنىشىگە زىچ ئەگىشىش، ماسلىشىشچانلىقى كۇچلۇك بولۇشتىن ئىبارەت. شياڭگاڭ كارخانىلىرىنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى ئوتتۇرا ۋە كىچك تىپتىكى كارخانا بولۇپ، يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى تولۇق ئەمەس. شۇنىڭ ئۇچۇن، ئۇلار ئارتۇقچىلىقلىرىنى تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، يېتەرسىزلىكلىرىنى تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، خەلقئارادىكى ئەڭ يېڭى تېخنىكىلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئۆزگەرتىپ ۋە تەقلىد قىلىپ ئىشلەپ چىقىرىدۇ. ئۇلار يەنە ھەر قايسى ئەل ئسىتېمالچىلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا ۋە پسىخىكىلىق تەلىپىگەمۇۋاپىق كېلىدىغان مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىش ۋە بازارغا سېلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئسىتېمالچىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىدۇ.  


2)باھا تاكتىكىسى :ئومۇمىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تۆۋەن باھا يولىدامېڭىش. يەنى كىچىككىنە پايدا، ھەتتا پايدىمۇ چىقمايدىغان تۇۋەن باھا بىلەن يېڭى مەھسۇلاتلارنى پۈتۈن كۈچى بىلەن بازارغا سېلىپ، ئەڭ تېز سۇرئەت بىلەن بازارغا كىرىشنى قولغا كەلتۇرۈپ، تېزلىك بىلەن بازارنى ئىگىلەش. شۇنىڭ ئۈچۈن، شياڭگاڭ مەھسۇلاتلىرى دائىم باھاسى ئەرزان ھەم سۈپەتلىك بولۇش ئوبرازى بىلەن خەلقئارا بازارلارغا كىرىدۇ. ئەمما، شياڭگاڭ مەھسۇلاتلىرى بازىرىنىڭ كۆپ مەنبەلىك بولۇشىغا ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك بولۇشىغا ئەكىشىپ، يېقىنقى يىللاردىن  بۇيان بىر قىسىم مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىمۇ« يۇقىرى ۋە  ئوتتۇرا خوتلۇق يول » غا قاراپ بۇرۇلۇشقا باشلىدى. شياگگاڭ مەھسۇلاتلىرى باھاسىنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى خەلقئارا بازارلارنىڭ تەلىپى ۋە رىقابەت دەرىجىسىگە ئاساسەن بېكتىلگەن بولۇپ، ئادەتتە تەتۈر يۆنىلىشلىك باھا بېكىتىش ئۇسۇلى ۋە رىقابەتلىك باھا بېكىتىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ.  


3)سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش تاكتىكىسى : ئاساسلىق سودىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىدارىسى ۋە سودا-سانائەت تەشكىلاتلىرىنڭ چەت ئەل بازارلىرىدا بىر پۇتۇن ياكى كەسپىي خاراكتېرلىك سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تايىنىدۇ. چۈنكى شياڭگاڭنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلىرىدا تولۇق مەبلەغ ۋە  ئىختسىاسلىقلار يتىشمەيدۇ.ئاساسلىق ئۇسۇللىرى :چەت ئەلدىكى غەيرىي رەسمىي سودا ئورگانلىرىدىن پايدىلىنىپ سىتىشنى ئىلگىرى سۇرۇش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش ؛ سودىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىدارىسى سودا ۋەكىللەر ئۆمىكى تەشكىللەش ئارقىلىق چەت ئەلدىكى ئاساسلىق بازارلارغا ئاپىرىپ سېتىش ؛ خەلقئارالىق كۆرگەزمىلەرگە، شياڭگاڭ ۋە چەت ئەللەردە ئۆتكۈزۈلىدىغان كۆرگەزمىلەرگە قاتنىشىش ؛ سودىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىدارىسى ۋە ھەر قايسى سودا-سانائەت تەشكىلاتلىرى نەشر قىلىپ تارقاتقان  ھەرخىل گېزىت –ژۇرناللاردىن پايدىلىنىپ شياڭگاڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئېلان قىلىش.  


4)سېتىش يولى تاكتىكىسى : ئاساسىي ئالاھىدىلىكى چەت ئەللەردىكى سىتىش تورلىرىنى ۋاسىتە قىلىپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، ئېكسپورت ۋاكالەتلىك تۈزۇمى ياكى سېتىش تۇزۇمىنى قوللىنىپ،  شۇ جايدىكى ئسىتېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجى ۋە تەلىپىنى پىششىق ئىگىلەش ئۈستۈنلۈكىدىن پاپدىلىنىىپ بازارغا كىرىشى، كېلىشىم ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىش ؛ سېتىش ئىقتىدارىغا ئىگەسودا ئورۇنلىرى ۋاكالەتچىلىككەياكى سېتىشقا كۆرىستلىدۇ. ئاددىي قىلىىپ ئېيتقاندا، شياڭگاڭ كارخانىلىرى يامان خاراكتېرلىك رىقابەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇچۇن، ئوخشاش بىر تاۋارنى ئوخشاش بىر بازاردا پەقەت بىر ئورۇننى ۋاكالەتچى قىلىدۇ ياكى سېتىشقا ھاۋالە قىلىدۇ. ۋاكالەتچى ياكى سودىگەرلەرنى تاللىغاندا دائىم خېلى ئېھتىياتچان پوزىتسىيىدە بولىدۇ. تاللىنىدىغان ئوبيېكتلار بىلەن ئۇزۇن مۇددەت  ھەمكارلاشقىلى بولۇشى ئۇچۇن، ئاساسلىقى شۇ جايدىكى ئابرۇيلۇق، ئەمەلىي كۈچى بار سودىگەرلەرنى تاللايدۇ.

مەنبە: http://diluz.blogbus.com/logs/33776570.html

چوققىلاش
(2)
100%
دەسسەش
(0)
0%
------分隔线----------------------------
باھا يوللاش بارلىق باھالارنى كۆرۈش
مۇناسىۋەتلىك قانۇن ـ تۈزۈملەرگە ئاڭلىق رىئايە قىلىڭ، شەھۋانىي، زوراۋانلىق، ئەكسىيەتچىل مەزمۇنلار قاتتىق چەكلىنىدۇ.
باھا:
چىراي ئىپادە:
ئەزا نام: پارول: تەستىق كود:
يوللىغۇچى ئارخىپى
سەبۇرى تەپسىلىي ئارخىپى ئۇچۇر يوللاش دوستقا قوشۇش دەرىجىسى: ئالىي ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-01-10 19:01 ئاخىردا كىرگىنى: 2010-03-09 17:03
تەۋسىيە تېمىلار