باش بەتكە قايتىش
ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت > خەۋەر > ئىقتىساد ئۇچۇرى >

بازار ئېچىشتىن بىر ئۇسۇل

ۋاقتى:2010-01-28 10:32مەنبە:未知 يوللىغۇچى:admin كۆرۈلۈشى:قېتىم
ياپونىيەنىڭ Apex شىركىىتىنىڭ ئاپتۇماتىك مال سېتىش ماشىنىسىدىن ياپونىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا 35 مىڭ دانىسى بار. شىركەت تېخىمۇ كۆپ پا
  


 

        ياپونىيەنىڭ Apex شىركىىتىنىڭ ئاپتۇماتىك مال سېتىش ماشىنىسىدىن ياپونىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا 35 مىڭ دانىسى بار. شىركەت تېخىمۇ كۆپ پايدىغا ئىرىشىش ئۈچۈن يېڭىدىن بىر مۇلازىمەتنى يولغا قويدى. پىلان بويىچە ئاپتۇماتىك مال سېتىش ئۈسكىنىسىنى ئېلان تارقىتىش ئۈسكىنىسى قىلماقچى بۇلۇپ، چىقىمنى ئېلان بەرگەن ئۇرۇن ئۈستىگە ئالىدىغان بولدى.
         بىراق پۈتۈن ئەتراپنى ئېلان قاپلاپ كەتكەن بۈگۈندىدەك كۈندە، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئۇسۇلنى چەتكە قېقىش پوزىتسىيىسىدە بولدى، ھەتتا ئازىراقمۇ قىزىقمىدى. ئۇنداقتا ئېلان سودىگەرلىرىنى ئاپتۇماتىك مال سېتىش ئۈسكىنىسىدە ئېلان بىرىشكە قانداق قايىل قىلىش كىرەك؟ قانداق قىلغاندا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ئېلان كۆرىدىغان، ھەم ئۇنىڭدىن زىرىكمەيدىغان قىلغىلى بۇلىدۇ؟
       بۇنىڭغا شىركەت مۇنداق بىر ئامال تاپتى، ئۇنى <<Madicafe>> پىلانى  دەپ  ئاتىدى. شىركەتنىڭ كۆڭۈل قۇيۇپ تەتقىق قىلىشى نەتىجىسىدە بىر قانچە ئاۋات ئۇرۇنغا ئاپتۇماتىك مال سېتىش ئۈسكىنىسىنى ئورنىتىپ، ئاۋال شۇ ئۇرۇنلاردىكى ئۈسكىنىلەردە ئېلان قۇيۇپ سىناق قىلدى. مەسىلەن: تاللا بازىرى، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى، خىزمەت بىناسىنىڭ ئالدىدى، مەكتەبنىڭ ئەتراپىغا سەپلەپ، بۇ ئۇسۇلنى سىناق قىلدى.
        ئېنىقراق دىگەندە سىز ئىچىملىك سېتىۋالسىڭىز پۇل تۆلىمەيسىز،  پەقەت ئۈسكىنىنىڭ مال سېتىش كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىزلا ئاپتۇماتىل مال سېتىش ئۈسكىنىسى تەخمىنەن 30 سىكونت ئۇزۇنلۇقتىكى بىر ئېلاننى قۇيۇپ بېرىدۇ. بۇ جەرياندا ئۈسكىننىڭ <<ئىچىملىك قۇيۇش>> ئىشى ئۇرۇندىلىپ بولغان بۇلىدۇ. ئېلان ئاخىرلاشقاندا ئىچىملىك قەرغەز ئىستاكانغا قۇيۇلۇپ، ئىتتىرىپ چىقىرىلىدۇ. ئىستاكانغا سىز كۆرگەن ئېلاننىڭ مەزمۇنىنى بېسىپ چىقىرىلىدۇ.
      ئىسسىق تۇمۇز كۈنلىرىدە ھەقسىز ئىچىملىكتىن بەھرىمان بۇلۇشنى كىممۇ خالىمىسۇن؟ 30 سىكونت ئىلان كۆرىسىز شۇ. شۇنداق قىلىپ ئاپتۇماتىك مال سېتىش ئۈسكىنىسى غەلبىلىك ھالدا ئاپتۇماتىك مال يەتكۈزۈش ئۈسكىنىسگە ئايلىنىپ قالدى.كىشىلەرنى خۇشال قىلىپلا قالماستى، شىركەتمۇ كۆزلىگەن پايدىغا ئىرىشتى.
      Apex شىركىتى 6- ئايدىن باشلاپ يولغا قويغان بۇ پىلانىدا، يىل ئىچىدە 4 مىليارد يىن (240 مىليون خەلق پۇلى) سېتىش پىلانىنى تاماملىدى.....

خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىندى.

مەنبە: http://diluz.blogbus.com/logs/38294877.html

چوققىلاش
(2)
100%
دەسسەش
(0)
0%
------分隔线----------------------------
باھا يوللاش بارلىق باھالارنى كۆرۈش
مۇناسىۋەتلىك قانۇن ـ تۈزۈملەرگە ئاڭلىق رىئايە قىلىڭ، شەھۋانىي، زوراۋانلىق، ئەكسىيەتچىل مەزمۇنلار قاتتىق چەكلىنىدۇ.
باھا:
چىراي ئىپادە:
ئەزا نام: پارول: تەستىق كود:
يوللىغۇچى ئارخىپى
سەبۇرى تەپسىلىي ئارخىپى ئۇچۇر يوللاش دوستقا قوشۇش دەرىجىسى: ئالىي ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-01-10 19:01 ئاخىردا كىرگىنى: 2010-03-09 17:03
تەۋسىيە تېمىلار